باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چوڭ مەغلۇبىيەت: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى تايانچ بازىسىنى بىتچىت قىلدى

2017.11.10 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيەدىكى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش قوراللىق كۈچلەر شۇ كۈنى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاساسلىق تايانچ بازىسى ئابۇ كامالنى بىتچىت قىلغان.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ شەھەرنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە ئەسەبىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ شەھەرگە كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. ئۆكتىچىلەر تەرەپكە مايىل بولغان تەشكىلات «سۇرىيە ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئابۇ كامالنى ئىگىلىگەن، بىراق جەڭ تېخى داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

  ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر قومانداننىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئوت كۈچىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ سەرخىل قىسىمىدىن نەچچە يۈز ئەسكەر ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مۇداپىئەنى بۆسۈپ تاشلاپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئابۇ كامالنى ئىگىلىگەن.

  بۇ مۇھىم بازار سۇرىيەنىڭ ئىراققا يېقىن چېگرا رايونىدا بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قوماندان ئۇرۇشتا لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ قوشۇنى چېگرادىن ھالقىپ، ئىراقنىڭ چېگراسى ئىچىگە كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىۋاتقان ئىراق شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» چېگرادىن كىرىپ، سۇرىيەگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  بىراق، «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرادىن ئاتلىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشلىقىنى ئىنكار قىلغان.

  ئابۇ كامالنى قولدىن چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قېپقالغان كۈچى سۇرىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئاز بىر قىسىم يېزا-كەنت ۋە چۆل-جەزىرىلەرگە يوشۇرۇنىۋالغان، ئىراقتا پەقەت راۋا بازىرىلا ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئىكەن.

  كۆپ تەرەپنىڭ زەربە بېرىشى بىلەن، ئىلگىرى ئىراق ۋە سۇرىيەدە كۆپ رايوننى كونترول قىلغان «ئىسلام دۆلىتى» ئۇرۇشتا چوڭ مەغلۇپ بولدى. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ چوڭ بازىسى بولغان راققا شەھىرىنى ئىگىلىدى. بۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دېير ئېززور ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى دېير ئېززور شەھىرىنى ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىراقتىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ بازىسى ئىم بازىرىمۇ قولدىن كەتتى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» گەرچە ئىراق ۋە سۇرىيەدە ئاساسەن مەغلۇپ بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي تازىلىۋېتىش بىر قەدەر تەس. بۇ ئەسەبىي تەشكىلات نۆۋەتتە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشنى روبىرو جەڭنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى ۋە شۇ ئارقىلىق كۈچىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئىسلام دۆلىتى» لىۋىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە يەنە زور بىر قىسىم جايلارنى ئىگىلەپ تۇرماقتا.

  «سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى بەلكىم يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىشى مۇمكىن»

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىكى «ئىسلام دۆلىتى» ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى.

  ئىران ماھىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللا سەئىدى ئەلى ھامىنىيىنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى ئەلى ئابۇبەكرى ۋىلايەت 8-نويابىر سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر ھەلەبنى زىيارەت قىلغان. ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پات يېقىندا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان شەرقىي قىسىم رايونلىرى ۋە غەربىي قىسىمدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاياغلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كۇرد ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى. سۇرىيەدىكى كۇردلار سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئاپتونوم رايون قۇرغان ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزگەن، ئەمەلىي كونترول قىلغان رايونى سۇرىيە زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

  سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاسادنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇساينا شابان 7-نويابىر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىنىڭ «تاجاۋۇز قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ناۋادا سۇرىيەدىكى كۇردلار ئىراقتىكى كۇرد ئاپتونوم رايونىدەك مۇستەقىل بولۇشنى ئىستىسە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئۆچ ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر