11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كىركۇك شەھىرىدە، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان ئامما دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى ھەلەبجەھنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان 32 كىلومېتىرلىق جايدا بېيجىڭ ۋاقتى 13- چېسلا سائەت ئىككىدىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە 7.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 339 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئىراق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت باغدادتا ۋە ئىراقنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە، كۇۋەيت ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسىمىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى سېزىلگەن، نۇرغۇن ئامما كوچىغا چىقىۋالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى