خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ش ج ئا د ئى رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە قاتناشتى.
سۆھبەتكە قاتناشقان رەھبەرلەر «ھەمكارلىشىپ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قېزىپ، ئومۇميۈزلۈك بىرلەشكەن ۋە بىرگەۋدىلەشكەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىش» قارالمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ش ج ئا د ئى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئورتاق كېڭەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسى، ش ج ئا د ئى ئاسىيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە رايون خاراكتېرلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلات. ئىككى چوڭ مېخانىزمنىڭ ھەمكارلىق قارىشى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلىش، جانلىق، ئەمەلىي بولۇش، تەرەپلەرنىڭ ئازادىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى