خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خانويغا يېتىپ بېرىپ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان خانوي خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمىدىن چىققاندا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ كۈتۈۋالدى. ۋىيېتناملىق ياشلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ۋىيېتنام ئاممىسى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى.
دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.
شى جىنپىڭ داناڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خانويغا يېتىپ باردى. داناڭدىن ئايرىلغاندا ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى