باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى تەكىتلىدى

2017.11.13 09:11   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېتنام داناڭ، 10- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دۇنيا تېز ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بىز چوقۇم ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەمدىلا داناڭغا يېتىپ كەلگەن شى جىنپىڭ ئاررىيانا كۆرگەزمە مەركىزىگە باردى، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات يولىدا ئاخىرقى نۇقتا يوق، پەقەت يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. دۇنيا ئېشىش ئېنېرگىيەسى، دۇنياۋى تەرەققىيات ئۇسۇلى، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى، دۇنياۋى ئىقتىسادنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ بۆلەك، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق موتور. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئېنىق كۆزىتىپ، يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە جەسۇرلۇق ۋە كەسكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باراۋەر كېڭىشىدىغان، كەڭ قاتنىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشىدىغان رايون ھەمكارلىق رامكىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئوچۇق بولغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز؛ دۇنيانىڭ قىممەت زەنجىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا پائال يېتەكلىشىمىز؛ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇشىمىز؛ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدىكى «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى بېيجىڭ يول خەرىتىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلاپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق پىلانلاپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشىمىز؛ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىسىز بولغان بارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشىمىز؛ بېيجىڭ يىغىنىدىكى «ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئىسلاھات ۋە ئېشىشتىكى ئورتاق تونۇش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىپلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، مۇھىمى ئۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ ئۇ تارىخنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن؛ نۇقتىلىق ھالدا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يۈزلەنگەن، شۇنداقلا بارلىق ھەمراھلارغا ئېچىۋېتىلگەن.

  تۆتىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بازارنى زورايتىپ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىش زەنجىرىنى ئۇزارتىشىمىز؛ سىغدۇرۇشچان، ھەمبەھرە قارىشىنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، ئادىل تۈزۈلمە - مېخانىزمغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئاجىز ئاممىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەممەيلەنگە پۇرسەت يارىتىپ، نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىگىلەپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندۇق. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگەتتۇق. بىز نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە، مەدەنىيەتتە ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردۇق. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇردۇق. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى، ئۆتكەن بەش يىلدا، 60 نەچچە مىليون نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلدى. بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا، ج ك پ 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. قۇرۇلتاي دىققەتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ. بۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدۇر. كېلەر يىلى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەيمىز. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ساھەسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، تەدبىرى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدۇ، سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان يېڭى مۇساپە. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېمىنى بەرپا قىلىمىز. بۇ، دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلىنىش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى مۇساپە. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشتا ئەركىن بولۇش، قولايلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن ئەركىن سودا رايونى تورى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ، خەلقنى مەركەز قىلغان، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلانغان يېڭى مۇساپە. بىز تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمىز! بۇ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى مۇساپە. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ماسلاشقان. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل ھالدا دۇنيا ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ لەڭگىرى بولىمىز. بىز توغرا ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت جەھەتتىكى بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى بويىچە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كېلەر يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرگە جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشتا ھەمكارلىق سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان خەلقىگە مەنسۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان خەلقلىرى قول تۇتۇشۇپ يارىتىدۇ. ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلاشقان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەنىۋى رىشتىسى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىز ھەمكارلىقنى ئەستايىدىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى!

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچىلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن نۇتۇق ئاڭلاشقا كەلگەن پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇزىنىسكى بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات قارىشى بىردەك، ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچى زور. مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندىم بىر يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ، مۇھىم ئورتاق قاراش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى پىلانلىدۇق. جۇڭگو پېرۇ بىلەن بىرلىكتە ئورتاق قاراشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۇزىنىسكى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا سانائەتچىلەر ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن قالتىس نۇتقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پېرۇ - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەر بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ