باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

2017.11.13 14:00   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ گۈزەل ۋە مۇنبەت تۇپراققا يەنە قەدەم باسقىنىمدا، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى ۋە دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ھازىر ۋىيېتنام سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە مۇقىم، ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋېتىپتۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام خەلقى چوقۇم ۋىيېتنامنى تېزدىن خەلقى باي، دۆلىتى قۇدرەتلىك، ئادىل، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ