باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ھەرىكەتكە قارىتىپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2017.11.13 09:07   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېتنام داناڭ، 11- نويابىر تېلېگراممىسى. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەپلەر يېڭىلىق يارىتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان باشقا رەھبەرلەر بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا تەرتىپ بىلەن كىرىپ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. يىغىنغا چېن داگۇاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسى − «يېپيېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرپا قىلىپ، ھەمبەھرە كەلگۈسى يارىتىش». ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلىرى «رەقەملىك دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىش»، «ھەمبەھرە كەلگۈسى يارىتىش» قاتارلىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز بېيجىڭدا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭەشكەن ئىدۇق. ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىۋاتىدۇ. بىز دۇنيا ئىقتىسادىدا چوڭقۇر قاتلاملىق زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ھەرىكەتكە قارىتىپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىز پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار بىلەن تېخنىكىنىڭ ئىناق بىرلىكىنى ساقلاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە قويۇپ بېرىشىمىز كېرەك. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ يىل بېكىتىلگەن ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد يول خەرىتىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇ يىللاردا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ نامايان بولدى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىش كېرەك. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولىدۇ. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقى تېخىمۇ زورىيىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

  ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. بىز سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈم، كاپىتال بىلەن ئەمگەك، تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. نامراتلىقنى تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، مائارىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، ئاياللار قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون خەلقنىڭ بەخت- سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا، جۇڭگو شەھەر - بازارلاردا ھەر يىلى 13 مىليوندىن كۆپرەك يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  تۆتىنچى، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ۋە سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش- ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەرەققىياتتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆز مەنپەئىتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سىياسەتنىڭ سەلبىي تاشقى تەسىرىنى ئازايتىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قارىشى ئاساسىدا، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم پائال ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمراھلار بىلەن بولغان سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك ئاساسىي تەدبىر ۋە تەرەققىيات پىلانى بېكىتىلدى. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇق، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان جۇڭگو ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن يەنە داۋاملاشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى «رايون سودىسى، سېلىنما ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز ئېشىشىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. بىرىنچى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئوچۇق تەرەققىيات چوڭ مۇھىتىنى باشتىن- ئاخىر كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، سودا ۋە سېلىنما پائالىيىتىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. ئىككىنچى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا يېڭى ساھەلەرنى كەسكىنلىك بىلەن ئېچىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى چىقاردى. بىز ھەمكارلىق ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئەركىن، ئوچۇق بولغان سودا ۋە سېلىنمىنى قوغداپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىدا جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئەمما خەۋپ- خەتەر، خىرىس ھېلىھەم مەۋجۇت. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەن- تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى سىجىل ئېشىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنىڭ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  يىغىندا «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتكە قاتنىشىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى، ئىستىقبالى ھەم ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش دەۋرى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتا ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى قېزىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلدۇرىمىز.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ