خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خانويدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى قوغداپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا دوستانە ئۆتۈش سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى، رۈەن فۇجۇڭ ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتىشىدىغان ياخشى قوشنا، بار-يوقنى تەڭ كۆرىدىغان ياخشى دوست، نىيەت-مەقسەتلىرى ئوخشاش ياخشى يولداش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو-ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67يىلدىن بۇيان، رەئىس ماۋ زېدۇڭ، رەئىس خۇ جىمىڭ قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر قويۇق ئۇچرىشىشنى ساقلىدى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. ھازىر جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئىگە بولدى. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى مۇھىم بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى