باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرقى تايانچ بازىسىنى تارتىۋالدى

2017.11.13 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيەدىكى ئالاقىدار كىشىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى 11-نويابىر سۇرىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى ئابۇكامالنى تارتىۋالغان، ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئابۇكامال سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش قوشۇن تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش قوراللىق كۈچلەر بىرلىشىپ، ئابۇكامالنى تولۇق قايتۇرۇۋالغان. لېكىن، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە مايىل بولغان «سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ 9-نويابىردىكى باياناتىغا قارىغاندا، «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرى 8-نويابىر كەچتە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قاتتىق ئېتىشقان ۋە كەينى-كەينىلەپ كۆپلىگەن رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، 11-نويابىر ئابۇكامال قايتا «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان.

  بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى رامى ئابدۇللاھ راھمان مۇنداق دېگەن: «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى ئابۇكامالنى پۈتۈنلەي تارتىۋالدى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى ھازىر ئابۇكامال شەھەر رايونىدىن بىر-ئىككى كىلومېتىر يىراقتىكى جايغا يۆتكەلدى.

  بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى يەنە مۇنداق دېدى: 10-نويابىردىن بۇيان، جەمئىي 26 پۇقرا قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز بالىمۇ بار.

  ئابۇكامال سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دېير ئەل زور ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، «شام ئىسلام دۆلىتى» قالدۇق كۈچلىرىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق چېگراسىدىكى كونترول قىلىۋالغان رايونلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ رەھبىرى ئابۇبەكىر ئەل باغدادى بەلكىم ئابۇكامالغا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ خەۋەر بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر