- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران-ئىراق چېگراسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئىران تەۋەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 445گە يەتتى
2017.11.15 16:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق بىلەن ئىران چېگرا رايونىدا 12-نويابىر كېچىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئىراندىكى قازا قىلغانلارنىڭ سانى 445گە يەتكەن، 7000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايون كېرمانشاھ ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم سانى بەلكىم يەنە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر