- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پەي توپى ئاشكارا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2017.11.15 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق جۇڭگو پەي توپى ئاشكارا مۇسابىقىسى 14- چېسلادىن 19- چېسلاغىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە دۇنيا پەي توپ بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر يىلى دۇنيا پەي توپ ساھەسىدىكى داڭلىق ماھىرلارنى مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىدە جەمئىي 242 نەپەر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
ئۆز مەيدانىدىكى جۇڭگو كوماندىسى مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا 52 ئادەم ئەۋەتتى. ئەرلەر يەككە كىشىلىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ لىن دەن، چېن لۇڭ ۋە شې يۈچى قاتارلىق ماھىرلىرىنى مالايشىيا ماھىرى لى زوڭۋېي، دانىيە ماھىرى ئاسېلسېن قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەت ماھىرلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئەۋەتتى. ئاياللار يەككە كىشىلىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسىدىن ئەۋەتىلگەن ماھىرلاردىن خې بىڭجياۋ ۋە چېن يۈفېي قاتارلىقلارنىڭ ئىسپانىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى ما لىن قاتارلىق كاتتىلارنى يېڭىش-يېڭەلمەسلىكىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر