باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەتىدىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

كۆپ قىسىم رايونلاردا ℃8-℃10 تۆۋەنلەيدۇ

2017.11.15 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 16-چېسلادىن 18- چېسلاغىچە دۆلىتىمىزدە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ بىر قېتىم كەڭ دائىرىلىك بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ۋە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىشتەك ھاۋارايى پەيدا بولىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃8-℃10 تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسىمى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئازراق ۋە ئوتتۇرھال دەرىجىدە قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەريالىرى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسىمى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا ئاز ۋە ئوتتۇرھال دەرىجىدە يامغۇر ياغىدىكەن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

  كەلگۈسى ئۈچ كۈنگىچە، جەنۇبتىكى رايونلاردا يەنىلا كۆپ يامغۇرلۇق ھاۋا داۋام قىلىدىكەن، يامغۇرلار ئاساسلىقى غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمى، چاڭجياڭ-خەنجياڭ دەريالىرى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەريالىرى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى قىسىمى ۋە جەنۇبىي جۇڭگوڭ غەربىي قىسىمى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاز ۋە ئوتتۇرھال دەرىجىدە يامغۇر ياغىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر