خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-نويابىر چۈشتىن كېيىن، فىلىپپىن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 12-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە كورىيە زۇڭتۇڭى ۋېنئىنيىن، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئادھىن، ئامېرىكا دۆلەت كاپىتى تېللېرسون قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، بىراق دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى گەۋدىلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يەنىلا ئاستا، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىرى بىرى پەسەيسە، بىرى كۆتۈرۈلۈپ، تېررورىزم قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى داۋاملىق يامرىدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچ، مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاسانغا توختىمىدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەستە قولغا كەلتۈرۈلدى، تېخىمۇ تىرىشىش كېرەك. شەرقىي ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تەستە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى