باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ۋە تاللاش-ئىشلىتىشتە سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك (پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنەيلى، تەشۋىق قىلايلى، ئىزچىللاشتۇرايلى)

2017.11.16 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بۇ تەلەپتە تەشكىلىي لۇشيەننى سىياسىي لۇشيەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ نامايان قىلىنىپ، كادىرلار خىزمىتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، روشەن يېتەكچىلىك ۋە رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.

  پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنى تاللاش-ئىشلىتىشتە، شەك-شۈبھىسىزكى سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، بۇنى پارتىيەنىڭ سىياسىي خاراكتېرى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، سىياسىي تەشەببۇسى ۋە سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخىتىن بۇيان سىياسىي ئۆلچەمنى ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى ئۆلچىمى قىلىپ كەلدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: سىياسىي ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، كادىرلار ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان بولۇشى كېرەك. يولداش دېڭ شياۋپىڭ كادىرلار قوشۇنىنى «تۆتلەشتۈرۈش» فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ئىنقىلابىيلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىر بولسۇن، سىياسىي جەھەتتىن جەزمەن لاياقەتلىك بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ماركسىزمغا، پارتىيەگە، خەلققە سادىق كىشىلەرگە تۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يولداش خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كادىرلارنى تاللاش-ئۆستۈرۈشتە، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قابىلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاققا سەل قاراش ھادىسلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»، «تۆت بولۇش»، «تۆتتە قاتتىق بولۇش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا، كادىرلار ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن ئۆلچەمگە يېتىشى، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن سىياسىي ساپاسىغا قاراش كېرەك. شۇڭا سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتە ئىزچىل قوللانغان فاڭجېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر