باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ساغلام، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2017.11.17 14:11   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ساغلام، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شەرقىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 15-نويابىردىن باشلاپ فىلىپپىندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى كېچياڭ مانىلا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ دۇتېرتېغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى قىيىنچىلىقلار بىر تەرەپ قىلىنىپ، بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇق مۇناسىۋىتى جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەل رايى، ئۇ رايون ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشى، شۇنداقلا ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۇل تېشى. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بىللە توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتنى تولدۇرۇپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ساغلام، پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلدى، بۇ ھەم جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو-فىلىپپىن بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەك، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى فىلىپپىننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە جىپسىلاشتۇرۇپ، فىلىپپىننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ماشلاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ جابدۇق ياسىمچىلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ ھەم ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت بازىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم ھەمكارلىق ئىشەنچى ئاتا قىلىشنى؛ سودا مەبلىغى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، نامراتلىقنى تۈگىتىش، كەپە رايونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرىشنى؛ جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى جەھەتتىكى ئەزۋەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى؛ كۆپ تەرەپ ۋە رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ