باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساڭلوڭ ئەجدىھاسى تىپلىق 10-نومۇرلۇق «شياڭلوڭ ئەجدىھا»سى سۇ ئاستى كېمىسى يېقىندا سۇغا چۈشۈرۈلدى

ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ كۈچىنى داۋاملىك كۈچەيتمەكتە

2017.11.16 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ياپونىيەنىڭ ساڭلوڭ ئەجدىھاسى تىپلىق 10-نومۇرلۇق «شياڭلوڭ ئەجدىھا»سى سۇ ئاستى كېمىسى كۆبېدا سۇغا چۈشۈرۈلدى، ياپونىيەنىڭ سۇ ئاستى كېمىسى شۇنىڭ بىلەن 19غا كۆپەيدى. ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قوشۇنى سۇ ئاستى كېمىسى ئەسلىھەلىرىنىڭ دەۋر ئالماشتۇرۇشىنى تېزلەتتى ھەمدە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىش ۋە ئەل ئىچى ھەربىي ئەسلىھەلىرى تېخنىكا تەتقىقات تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.


  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەسلىھەلەرنىڭ دەۋر ئالماشتۇرۇلۇپ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى زور كۆلەمدە ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىي قارا نىيىتىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.


  ساڭلوڭ ئەجدىھاسى تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئادەتتىكى ھۇجۇمچى سۇ ئاستى كېمىسى.

  ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «شياڭلوڭ ئەجدىھاسى» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسى ياپونىيە كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى قارىمىقىدىكى كۆبې زاۋۇتىدا 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان، ئۇزۇنلۇقى 84 مېتىر، كەڭلىكى 9.1 مېتىر، ئېگىزلىكى 10.3 مېتىر، ئۆلچەملىك سۇ چىقىرىش مىقدارى 2950 توننا، سىتېرلىن يېپىق ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسى (AIP سىستېمىسى) ۋە ئالاقىدار قوشۇمچە تۇربىنا ئەسلىھەلىرىگە ئىگە.


  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ 2010-يىلىدىكى مۇداپىئە پىلانى تۈزىتىلمە نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: يەنى دېڭىز مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ 16 سۇ ئاستى كېمىسىگە ئىگە ئادەتتىكى تۈزۈلمىسىنى 22 كېمىگە ئىگە ھالەتكە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان. ياپونىيە شۇ ئاساستا ھەر يىلى يەنە بىر دانە سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساپ سەپلەۋاتىدۇ.


  ئابى شېنزو كابېنتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ياپونىيە چەكلىمىنى بۇزۇپلا قالماي، ھەربىي قورال-ياراغ ۋە تېخنىكىنى ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپلىگەن چوڭ شىركەتلەر ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر