باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بويىچە 10 شەھەر ۋە ناھىيە دۆلەتلىك باغۋارانلاشقان شەھەربولۇپ تاللاندى

2017.11.16 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «2017- يىللىق دۆلەت بويىچە باغۋارانلاشقان شەھەر دەپ نام بېرىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ناملىق ھۆججەت تارقىتىلدى، شىنجاڭ بويىچە ئۈچ شەھەر، يەتتە ناھىيە بۇ شەرەپكە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان شەھەر (ناھىيە بازىرى) بەرپا قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى نام بېرىش تىزىملىكىدە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى، ئارال شەھىرى ۋە تۇمشۇق شەھىرى قاتارلىق ئۈچ شەھەر 2017- يىللىق دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان شەھەر بولۇپ تاللاندى، پىچان ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى قاتارلىق يەتتە ناھىيە 2017- يىللىق دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان ناھىيە بولۇپ تاللاندى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئېكولوگىيەلىك باغۋارانلاشقان شەھەر ۋە دۆلەتلىك باغۋارانلاشقان شەھەر، ناھىيە بازىرى ۋە بازار دېگەن نامنى گوۋۇيۈەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىگە ھوقۇقنى بېرىپ بىرلىكتە ئېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «دۆلەتلىك ئېكولوگىيەلىك باغۋارانلاشقان شەھەر» نامىغا ئىلتىماس قىلىدىغان شەھەر چوقۇم «دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن شەھەر بولۇش كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر