باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يۈنچېڭ ناملىق ھەربىي كېمىسى بېنگالغا قاراپ يولغا چىقتى

ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ھىندى ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى مۇنبىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مانېۋىرىغا قاتنىشىدۇ

2017.11.16 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېنگال دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يۈنچېڭ ناملىق ھەربىي پاراخوتى پاراخوت تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىن بىرنى ئېلىپ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن جەنجياڭدىكى مەلۇم ھەربىي پورتتىن ئايرىلىپ، بېنگالغا بېرىپ 2017-يىللىق ھىندى ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى مۇنبىرى كۆپ تەرەپلىك دېڭىز ئۈستى قۇتقۇزۇش مانېۋىرىگە قاتنىشىشقا ئاتلاندى.

  ھىندى ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى مۇنبىرى 2008-يىلى قۇرۇلغان، نۆۋەتتە بۇ مۇنبەرنىڭ 35 ئەزا دۆلىتى ۋە كۆزەتكۈچى دۆلىتى بار. ئۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان سۆھبەت يولى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رايونلار دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى ماسلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگو 2014 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە مۇنبەرگە قاتناشقان. بۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇنبەر رامكىسى ئىچىدە كۆپ تەرەپلىك مانېۋىرغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر