باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ۋە سانجى شەھىرى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بولدى

شىنجاڭدىكى مەدەنىي شەھەرلەر غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

2017.11.16 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى شەھىرى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بولدى، قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شەھەر بەشكە يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

  «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر» دېگەن نام بىر شەھەر ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ، ئوبراز سېھرىي كۈچىنىڭ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۇنىۋېرسال شەرەپلىك نامى. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتى، شۇنداقلا ئاممىنى ئىشتىراك قىلىشقا جەلپ قىلىش، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، مەدەنىي شەھەر قۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچ.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەدەنىي شەھەر قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشقا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە مەركىزىي شەھەرنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشىغا قاتنىشىشقا بولىدۇكى، چەتتە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەممە ئادەم قاتنىشىدۇ، ھەممە كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ، دېگەن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقاردى. سانجى شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ، بەرپا قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  بۇ يىل 9- ئايدىن بۇيان، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى نەق مەيداننى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىپ خەلق رايىنى سىناپ تەكشۈرۈش ۋە توردا ماتېرىيال تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باھالاشقا قاتناشقان 166 شەھەرنى مەركەزلىك باھالىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى شەھىرى ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەسكىن باھالاشتىن ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر