خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- چېسلادىن 15- چېسلاغىچە، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جۈن 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى، پارلامېنت باشلىقى ئاسادوف، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى، پارلامېنت ئەزالىرى ، ئاقىللار ئامبىرى ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى ئۈچۈن مەخسۇس تېمىدىكى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى.
ئەزەربەيجان تەرەپ 19- قۇرۇلتاينىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى ماختىدى، جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىدىيەسىنى ئەينەك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى