باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

8-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى ئاياغلاشتى

2017.11.16 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى 12-نويابىر بېيجىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە زالىدا يېپىلدى، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 15 مىليون يۈەنگە يەتتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان شىركەتتىن 91ى نەق مەيداندا 593 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاس توختامى ئىمزالىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە «يېشىل شىنجاڭ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى» ئاساسىي تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 200گە يېقىن كارخانا 40 چوڭ تۈر، 160 نەچچە خىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېسىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭدىكى ئىستېمالچىلارغا كۆرسىتىپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ «يېشىل، قۇۋۋەتلىك، يېيېشلىك، ساغلام» بولغان سۈپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر