باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى

لائوسنىڭ زۇڭلىسى تۇڭ لۇن، پارلامېنت رەئىسى با نى، بېنشېنا جەمەتىدىكى دوستلار بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى

2017.11.17 08:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋىيېنتياندىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 14- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋىيېنتياندىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ لائوسنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا، بېن ياڭنىڭ زىيارەت ئاخىرلاشقاندا ئالايىتەن كېلىپ ئۇزىتىپ قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، نەتىجىلەر مول بولدى. مەن لائوس پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، ھەر ساھەدىكى دوست ئەربابلار بىلەن ئۇچراشتىم. ئىككى تەرەپ جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ ئىككىمىز جۇڭگو- لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدۇق، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمكارلىق مەزمۇنىنى پىلانلىدۇق، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. بۇ قېتىمقى زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنچىم كامىل. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلەرنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بېن ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ لائوستىكى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۇ ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان لائوس- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. لائوستىكى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق شاد- خۇراملىققا چۆمدى، لائوس- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زور ئۈمىد باغلىدى. لائوس جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ياخشى» روھى ئاساسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلىدىن تىلەيدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ ۋە بېن ياڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.

  ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ بېن ياڭ بىلەن سەمىمىي خوشلاشتى. لائوسلۇق ئۆسمۈر شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگودىن ھەمراھ بولۇپ بارغانلار، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى كەن پەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى سۇڭ دى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 14- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋىيېنتيان دۆلەت يىغىن مەركىزىدە لائوس زۇڭلىسى تۇڭ لۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ- دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن ئىككىمىز بىردەك يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگو- لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك دەپ قارىدۇق. جۇڭگو لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوسقا قارىتىلغان دوستانە سىياسىتىنى داۋاملىق قەتئىي يولغا قويىدۇ، لائوس خەلقىنىڭ يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لائوس يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ۋە قانۇن ئىجراسى، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو- لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ھەمكارلىق جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىككى تەرەپ جۇڭگو- لائوس ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى، جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئېلېكتىر كۈچى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مائارىپ، داۋالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى جۇڭگو- لائوس ھەمكارلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشى، بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو لائوسنىڭ لەنساڭجياڭ- مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 2018- يىلىدىكى ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قوللايدۇ.

  تۇڭ لۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش يېڭى مۇساپىسىدە چوقۇم يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغىمۇ غايەت زور ئىلھام بېرىدۇ. لائوس خەلقى باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لائوس جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يىمىرىلمەس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى سۇڭ دى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 14- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋىيېنتيان دۆلەت يىغىن مەركىزىدە لائوس پارلامېنتىنىڭ رەئىسى با نى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش، غايە- ئېتىقادى بىردەك، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان، ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس بىلەن داۋاملىق «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، قوشنىلار ئارا دوستانە بولۇش، بىر- بىرىگە ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇش» روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگو- لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو- لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ لائوس پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ لائوس پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو- لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، نىشانلىق ئاپپاراتلار ۋە يەرلىك پارلامېنتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، تەرەققىيات پىلانى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ با نىغا جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  با نى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ لائوسقا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. لائوس- جۇڭگو ھەمكارلىقى لائوسنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. لائوس پارلامېنتى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس- جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. لائوس پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار، لائوس پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە پارلامېنت لائوس- جۇڭگو دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى سەي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 14- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۆزى چۈشكەن ۋىيېنتياندىكى مېھمانسارايدا لائوستىكى بېنشېنا جەمەتىدىكى دوستلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كونا ساۋاقداشلىرىم، كونا دوستلىرىم بىلەن قايتا جەم بولدۇم، سىلەرنىڭ سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىڭلارنى، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. بېنشېنا جەمەتى جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، كونا دوستى. بۇ بىرنەچچە يىلدا كۆپچىلىك ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. سىلەرنىڭ جۇڭگو- لائوس دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق ئاتلىنىپ، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بېنشېنا جەمەتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىدىكى قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، دۆلەتلەر ئارا باراۋەرلىكنى تەكىتلەش، ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى ئۈلگە بولۇپ قالدى. سىلەر جۇڭگو- لائوس مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى چۈشىنىسىلەر، ھازىر يەنە ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىسى بولۇپ، جۇڭگو- لائوس دوستلۇق ئەلچىسىلىك ۋە كۆۋرۈكلۈك رولىنى زىممەڭلەرگە ئېلىۋاتىسىلەر. لائوس جۇڭگونىڭ يېقىن دوستى. ھازىر جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كەڭ. مەن بۇ قېتىم لائوستا زىيارەتتە بولۇپ، لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بىز ئىككى دۆلەت پېشقەدەم رەھبەرلىرى دوستانە بېرىش- كېلىش قىلغان ئەنئەنىۋى تارىخنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو- لائوس دوستلۇقىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇڭلار.

  شى جىنپىڭ بېنشېنا جەمەتىدىكى ياشلارغا ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ياشلار ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو- لائوس دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى. سىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىنىڭ ۋارىسى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو- لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇڭلار.

  بېنشېنا جەمەتىدىكى دوستلار شى جىنپىڭنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونا مەكتەپداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز، بىز سىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزدەك كونا دوستلىرىنى ياد ئەتكەنلىكى كىشىنى بەك تەسىرلەندۈرىدۇ. ھازىر ئائىلىمىزدىكىلەر ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، بىز ئەسلىي مەقسىتىمىزنى ئۆزگەرتمەي، بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس- جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشكە تۆھپە قوشىمىز، ئارىمىزدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى ھەرگىز سۇسلاشتۇرۇپ قويمايمىز. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا بالدۇرراق، ئوڭۇشلۇق يېتىشىگە چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

  كۆرۈشۈشكە قاتناشقان لائوسنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى گۈينىڭ بېنشېنانىڭ چوڭ ئوغلى گەنچياۋ، 4- قىزى كەييۈن، 2- ئوغلى سامانو، 3- ئوغلى سۇڭما، 4- ئوغلى سۇڭماكې، 5- قىزى كەيمانى، 5- ئوغلى سۇڭباۋ، 6- ئوغلى سۇڭپېڭ قاتارلىقلار 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا بېيجىڭدا ياشىغان ھەم ئوقۇغان. ئەينى چاغدا بېنشېنا جەمەتىنىڭ بىرنەچچە پەرزەنتى «1- ئاۋغۇست» مەكتىپىدە شى جىنپىڭ بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر