باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى باشلاندى

خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2017.11.17 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى شېنجېندا باشلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە 11-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، باش تېمىسى «دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا مۇجەسسەملەپ، تەمىنلەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى» بولۇپ، 200 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 3000 دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشقان بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان تۈر 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، قاتناشقان دۆلەت سانى، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى مەھسۇلاتلار سانى ئىلگىرىكى يەرمەنكىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يەرمەنكە يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» غا قاتناشقان 27 دۆلەتنى جەلب قىلغان ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى مۇنبىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارادىكى مۇنەۋۋەر كارخانىلار 50 نەچچە مەيدان ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇچىدىغان ماشىنا ئادەم، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق نىقاب، پاراسەت شەھىرى ھەل قىلىش لايىھەسى، ئېلاستىك تېز زەرەتلەنمە باتارىيە، ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسى قاتارلىق مىڭدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا ئېلان قىلىنىپ، قويۇق «پەن-تېخنىكا كەيپىياتى» نامايەن قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر