- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ماراكەشنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر كەنتتە دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلدى
2017.11.20 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماراكەش دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماراكەشنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر كەنتتە 19-نويابىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 15 ئادەم قازا قىلغان، بەش ئادەم يارىلانغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ كەنت ساۋۇيرا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە قۇتقۇزۇش ئاشلىقى تارقىتىلغاندا، دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە، كەنت ئاھالىلىرى قۇتقۇزۇش ئاشلىقى ئالغان چاغدا تەرتىپىگە رىئايە قىلماي، بەس-بەس بىلەن تارقىتىش ئورنىغا قىستىلىشقانلىقتىن، دەسسىلىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئىكەن.
ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ سەۋەبى، جەريانىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى ھەمدە جاۋابكارنى بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ماراكەشنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى بۇ يىل قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ، بەزى ئامما قۇتقۇزۇش ئاشلىقىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر