باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغان شىركەت

نىسسان شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە سالاھىيەتسىز خادىملارنى ئىشلەتكەن تارىخى 38 يىلغا يەتكەن

2017.11.20 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى 17- چېسلا ياپونىيە دۆلەت زېمىن قاتناش ۋازارىتىغا دوكلات تاپشۇرۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاشكارا قىلىنغان تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى، يەنى ئاپتوموبىلنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن سالاھىيەتسىز خادىملارنى ئىشلەتكەنلىك توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دوكلات قىلدى. شۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 38 يىلدىن بۇرۇنلا، نىسسان شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلىرىدا قائىدىگە خىلاپ بولغان بۇ خىل مەشغۇلات ئۇسۇلى مەۋجۇت ئىكەن.

  شۇ دوكلاتتا نىسسان شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: ئەڭ دەسلەپتىلا، يەنى 1979- يىلدىن باشلاپلا، نىسسان ئاپتوموبىلىنىڭ توچىگى ناھىيەسىدىكى زاۋۇتىدا سالاھىيەتسىز تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ھۆججەت خاتىرىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە،كاناگاۋا ناھىيەسىگە جايلاشقان زاۋۇتتا 1989- يىلىدىن باشلاپ يىل بويى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىكەن. كيوتوغا جايلاشقان زاۋۇتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نىسسان شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بەش زاۋۇتىدا ئۇزاقتىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: قىسمەن نىسسان ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىدا سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىزنىكىنى سالاھىيەتسىز خادىملىرىغا تارقىتىپ بېرىدىكەن، ياكى دۆلەت زېمىنى قاتناش ۋازارىتى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرگەندە، سالاھىيىتى يوق تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ۋاقىتلىق كەتكۈزۈۋېتىپ، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالىدىكەن.

  نىسسان شىركىتى 17- چېسلا ئاچقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىركەت باشلىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ، سالاھىيەتسىز تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئىشلىتىش سەتچىلىكى ئۈستىدە كەچۈرۈم سورىدى، ھەمدە شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا بېرىلىدىغان چارە كۆرۈش قارارىنى ئۇ ئىلگىرى ئېلان قىلمىغانلىقىنى، پەقەت بۇ يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئاندىن ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان شىركەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بىر قىسىم ئىش ھەققىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىركەتكە قايتۇرۇپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  زېمىن قاتناش ۋازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەتنىڭ دوكلات مەزمۇنى ۋە ياپونىيە ئاپتوموبىلى زاۋۇتلىرىغا قارىتىلغان بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، بۇ خىل ئەھۋاللار ئۈستىدىن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نىسسان ئاپتوموبىلىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈش»نى ئويلىشىمىز.

  نىسسان شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرگەندە ۋە ھەتتا مەھسۇلاتنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ( ISO )نىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەندىمۇ، نىسسان شىركىتىدە سالاھىيەتسىز خادىملارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ISO تەشكىلاتى كەسكىن ھالدا نىسسان ئاپتوموبىلىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۈپەتنى ئىسپاتلاش خىزمىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نىسسان شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئىسپاتلاشنى بىكار قىلىش مەھسۇلات سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نىسسان شىركىتىنىڭ چەتئەللەردىكى زاۋۇتلىرىدا تېخى بۇنداق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەنلىكى بايقالمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر