باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىملاشتى، قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى، دېھقانلار نەپكە ئېرىشتى

ئېلىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى سۈپەتلىك، يېشىل بولۇشقا پۇختا قەدەم تاشلىدى

2017.11.21 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈتۈلمىگەن بىرەر مەسىلە چىقمىسا بۇ يىل يەنە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالىمىز!

  «ئىككىدە مۇقىم بولۇش، بىرنى ياخشىلاش» بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېڭى ھالىتى: كۆلىمى مۇقىم بولۇش ___ تېرىش كۆلىمى 1 مىليارد 680 مىليون موغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلى بىلەن تەڭلىشىپ سەل ئازلىدى؛ بىرلىك مەھسۇلات مۇقىم بولۇش ___ كىلىمات شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تېخنىكا جايىدا ئەمەلىيلەشتى؛ قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ___ كۆممىقوناق داۋاملىق ئازلاپ، قارا ئاشلىق، پۇرچاق قاتارلىقلار كۆپەيدى.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چىڭ تۇتۇلۇپ، بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈردى ___قۇرۇلمىنى ياخشىلاشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. ئاشلىق تۈرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، شارائىتىغا قاراپ تېرىش قۇرۇلمىسى ياخشىلاندى. ئۈنۈمسىز تەمىنلەش ئازايتىلىپ، قىزىل كۆممىقوناق كۆلىمى 20 مىليون مو ئازايتىلدى؛ ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كۆپەيتىلىپ، بازاردا قىس بولۇۋاتقان دادۇرنىڭ تېرىش كۆلىمى 7 مىليون مو، قارا ئاشلىق، پۇرچاق تېرىش كۆلىمى 6 مىليون مو كۆپەيتىلدى؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كېڭەيتىلىپ، بازاردا قىس بولۇۋاتقان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش كۆلىمى %27.5نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

  يېشىل ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. ئورۇنلاشتۇرۇش تېزدىن ياخشىلىنىپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ يەر ئاستى سۈيى ئارتۇق ئېچىلغان رايون، غەربىي جەنۇبتىكى بۇغداي يوللۇق دات كېسىلى زەمبۇرۇغى مەنبە رايونى، جياڭخۇەي قىزىرىپ پاختىلىشىش كېسىلى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بۇغداي تېرىش كۆلىمى 5 مىليون مودىن ئارتۇق كېمەيتىلدى. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش-شۈدىگەرلەش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش-شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلدى. خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۆلىمى كېڭەيتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر