باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.11.17 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالدىن كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  سالمان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى چوقۇم جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى. سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان سەئودى ئەرەبىستان-جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030-يىل ئارزۇسى» بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم ھەمراھىغا ئايلىنىشنى خالايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ، بۇ، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ سالماننىڭ تېلېفۇن قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قۇرۇلتايدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بېكىتىلىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يۈكسەك نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىشەنچىمىز كامىل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر