باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىسىدە قىسمەن كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.11.21 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى ئۆلكىسى يېقىندا «ئۆلكە بويىچە باج سىستېمىسىنىڭ باج-تىجارەت مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقىتىپ، ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان (پەسىللىك سېتىش سوممىسى 90 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان) كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىقنى ئۇقتۇردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر»دە يەنە بەلگىلىمە بويىچە يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان (500 مىڭ يۈەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى %50 بويىچە كېمەيتىلىپ ھېسابلىنىپ، %20لىك باج نىسبىتى بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش نىسبىتى %0 قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەنشى ئۆلكىسى يەنە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى كۆلەملىك كارخانا دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مۈلكىنى سېتىۋېلىش، پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش، بىرلەشتۈرۈش، ئايرىش، پاي ھوقۇقى ياكى مۈلكىنى ھەقسىز ئاجرىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پاي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللىشىنى قوللايدۇ، باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا باجنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى تەدبىقلىنىپ، كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر