باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان كىرىزىسى داۋاملىق كۈچەيمەكتە

سەئۇدى ئەرەبىستان نېمە ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ؟

2017.11.20 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىۋان زۇڭلىسى ئەسەد خەلىلنىڭ ئىستىپا بېرىشىگە قارىتا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ قوشنىسى ياۋروپا قاراپ تۇرالمىدى. فىرانسىيە ئاكتىپلىق بىلەن ئارىلاشتى، گېرمانىيەمۇ يېقىندىن دىققەت قىلدى. كىشىلەر گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ لىۋانغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سۆزلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چىشىغا تېگىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 18-نويابىر تۇيۇقسىز گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىشىنى كۈتمىگەن ئىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-نويابىر: سەئۇدى ئەرەبىستان گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى، سەۋەبى، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىگمار گابرىيل لىۋان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەبلان باشىل بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بەزىبىر سۆزلىرىگە قارىتا باش ئەلچىنىڭ پىكرىنى ئېلىش، ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى گېرمانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بىر ئېتىرازنامە تاپشۇرماقچى بولغان.

  بەزىبىر تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گابرىيل ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىگە قول تىقماسلىققا، لىۋاننىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە قويۇپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گابرىيل زىيارەتكە كەلگەن باشىلغا: «گېرمانىيە قەتئىيلىك بىلەن لىۋان تەرەپتە تۇرىدۇ، ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىگە ھازىر ئەڭ كېرەك بولمايدىغىنى رايونلار يېڭى داۋالغۇشى» دېگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر