باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ تالاش–تارتىش بولۇۋاتقان رايونغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى

2017.11.21 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 20-نويابىر: جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ تالاش– تارتىش بولۇۋاتقان رايونغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھىندىستان تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

  بىر مۇخبىر: ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭتۇڭى كوۋىندى 11- ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»غا بېرىپ پائالىيەت قىلغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ دەپ سورىدى.

  لۇكاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»نى ئېتراپ قىلمايدۇ. جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت چېگراسى مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق ھەم ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپ چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ تالاش–تارتىش بولۇۋاتقان رايونغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھىندىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانماسلىقىنى، چېگرا سۆھبىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر