باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 6190 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2017.11.21 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 20-نويابىر ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 4353 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 6190 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 4346 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 139 ئورگىنى، مەركەزنىڭ 98 كارخانىسى، مەركەزنىڭ 15 پۇل مۇئامىلە كارخانىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ھەر ئايدا مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  10-ئايدا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 4353 مەسىلىنىڭ 1102 سى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، 938 ى بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا ۋە پۇل قوبۇل قىلىش ۋە بېرىش، 683 ى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى سەپلەپ ئىشلىتىش، 551 ى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، 472 سى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى چوڭ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى بولۇپ، ئۆلچەمدىن ئارتۇق كۈتىۋېلىش ۋە قوبۇل قىلىش بىلەن تەمىنلەش ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئارامخانىلارغا كىرىش-چىقىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ 272 تۇرالغۇ مەسىلىسى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان 228 مەسىلىسى، بەلگىلىمىگە خىلاپ 107 ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش مەسىلىسى بار. 10-ئايدا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك 29 كىشى، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك 346 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر