باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ

لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 360 نومۇردا بولىدىكەن

2017.11.20 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2017 - يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 11- ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. مەملىكەت بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 360 نومۇردا بولىدىكەن.

  دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل كەڭ قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى يەرلىكلەرنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى تۆت رايونغا ئايرىلىپ پەرقلىق بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 280 نومۇر؛ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، نىڭشيا ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت ئاپتونوم رايون ۋە سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىن ئىبارەت بەش ئۆلكىدىكى ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 305 نومۇر؛ سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى ناھىيە (شەھەر، ئاپتونوم رايون)لارنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 310 نومۇر؛ يۇقىرىقى ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىن باشقا، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىكى ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان رايونلارنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 315 نومۇر بولىدىكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى ئىشلىتىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك نومۇرى ئۆلچىمىنى ھەرقايسى جايلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىكەن.

  ئىمتىھانغا قاتناشقان خادىملار 11- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى(http://www.moj.gov.cn)، جۇڭگو قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تورى (http://www.legalinfo.gov.cn )، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە جۇڭگو قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، ھەمدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ، نەتىجە ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئۆزى بېسىپ چىقىرىۋالىدۇ.

  ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان خادىملار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قانۇن كەسپى سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشى كېرەك. ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باشقىچە پىكىرلىرى بولسا، ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، تىزىمغا ئالدۇرغان ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يازما ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھان قاتناشقان خادىملار ئەگەر ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئىمتىھانغا مەسئۇل ئورگانلارغا ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يازما ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. تەيۋەندە ئولتۇرۇشلۇق خادىملاردىن ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ئەگەر ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باشقىچە پىكىرلىرى بولسا، تەيبېي شەھىرىدە ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يازما ئىلتىماسنى يۆتكەپ رەسمىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر