باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو نۇر جىلغىسى» سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈچ يىلدا 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

2017.11.21 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو نۇر جىلغىسى 2017-يىللىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى خەلقئارالىق يىغىنى»دا، «جۇڭگو نۇر جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ۋۇخەن دوڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرى»، «دوڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپ پىلانى» ئېلان قىلىنىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ 200 مىليون يۈەنلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، «نەق پۇل» بىلەن ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى توپلىشى، ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، سانلىق مەلۇماتلار بايلىقىنى ئېچىۋىتىشى، ھەمبەھىرلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان پىلاندا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، دوڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق كەسپىنىڭ كۆلىمى 10 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا، تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى 50 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ساھەلەر ئىنچىكە ئايرىلغان كارخانىلار توپى يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر