خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، كىشىلەر جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلماقتا. مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش سەۋەبلىك، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە تاقىلىپ، 12-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ، خاتىرە ساراينىڭ ئۇدا تۆت يىل ئېچىلغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى ئالدىدا تاقىلىپ رېمونت قىلىشنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى