باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، 60 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەت ھاجەتخانىسى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ

2017.11.20 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيۇغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 19-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق دۇنيا ھاجەتخانا كۈنى ۋە جۇڭگو ھاجەتخانا ئىنقىلابى تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتىدە، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى «مەملىكەت بويىچە ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە) » نى ئېلان قىلىپ، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە 64 مىڭ ھاجەتخانىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 47 مىڭدىن ئارتۇق ھاجەتخانا يېڭىدىن سېلىنىدۇ، 17 مىڭدىن ئارتۇق ھاجەتخانا ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ.

  ھاجەتخانا ئىنقىلابى 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى. ئېلىمىزدە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەمئىي 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جايلار ئورۇنلاشتۇرغان يانداش مەبلەغ 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۈچ يىلدا جەمئىي 68 مىڭ ساياھەت ھاجەتخانىسى ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىپ، پىلان نىشانى (57 مىڭ) دىكىدىن %19.3 ئاشۇرۇلدى. ھاجەتخانا ئىنقىلابى مەنزىرە رايونلىرىدىن شەھەر-يېزىلارغا قاراپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇرۈش تەدرىجى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، گۈزەل جۇڭگو، گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. پىلان بويىچە، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھاجەتخانا ئىنقىلابى قۇرۇلۇشى، ھاجەتخانا ئىنقىلابى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ھاجەتخانا ئىنقىلابى پەن-تېخنىكىسى، ھاجەتخانا ئىنقىلابى مەدەنىيلىكىگە چېتىلىدىغان تۆت چوڭ ھەرىكەت نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر