باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ تەڭشەش تۈزۈمى كېلەر يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ-

كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ

2017.11.20 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ نوپۇسى 230 مىليوندىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپۇس نىسبىتىنىڭ %16.7 ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ نوپۇسى 150 مىليوندىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپۇس نىسبىتىنىڭ %10.8 ىنى ئىگىلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نېمە ئۈچۈن بۇ سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ؟ بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  مەركەز مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ فۇلىڭ «ئىقتىساد گېزىتى . جۇڭگو ئىقتىساد تورى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش-رايونلارنىڭ كۈتۈنۈش يۈكى بەك ئېغىر ياكى بەك يېنىك بولۇش ئەھۋالىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئەمگەك تەننەرخى ئادىل بولغان كارخانا رىقابەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، راۋان ئەمگەك كۈچى چوڭ بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجىدۇر.

  قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ فوند قالدۇقى ئاز، چىقىم بېسىمى ئېغىر بولغان ئەھۋالدا، بىر تۇتاش غەملەش قاتلىمىنى قانداق ئۆستۈرۈش، فوند قالدۇقى كەمچىل بولۇشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەڭشەش، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىش نىسبىتى پەرقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كۈتۈنۈش بېسىمى تەكشى بولماسلىق تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش تېزلىتىلىپ، كېلەر يىلى تۇنجى قەدەم باشلىنىپ، ئالدى بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئېلىمىزدە 2010-يىلى يولغا قويۇلغان «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» دا: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى تەدرىجى يولغا قويۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر قەدەمدە بىر تۇتاش غەملەپ نەقلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلماي، مەركەز تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈنچە سىياسەت تاللاندى؟

  جۇ فۇلىڭ مۇنداق دېدى: رايونلار ئوخشاش بىر ئۆلچەم شارائىتىدا، تەڭشەشنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشنى ئالدى بىلەن فوندنى تەڭشەشتىن باشلاپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى تەدرىجى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن ئاۋۋال تۈزۈم، باشقۇرۇشنى مۇكەمەللەشتۈرۈش ۋە تېخنىكىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر