باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئەسكەرتمە چىقىرىپ، قىش پەسلىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2017.11.21 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش كىرىپ قـاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، كىشىلەرنىڭ ئوت، توك، گاز ۋە ماي ئىشلىتىشى ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ۋە خەۋپ-خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى 20- نويابىر قىش پەسلىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇش ھەققىدە ئەسكەرتمە چىقىرىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ئاممىغا ئەسكەرتىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇشتەك ياخشى مۇھىتنى ئورتاق يارىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  كىيىملەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى توك پارۋاي ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ

  1. ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھەر قىش پەسلىدە ھەمىشە ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ يىل قىش پەسلىدىكى ۋە كېلەر يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرماقتا. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېجورنىلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ بىخەتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  2. قىش پەسلىدە ئىسسىنغاندا، كىيىمنى توك پارۋاي ئۈستىگە ئارتىپ قويۇپ قاقلاپ قۇرۇتۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى، ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەر توك پارۋايدىن ئۇزاقتا بولۇشى كېرەك. بېنزىن، كىرسىن ۋە ئىسپىرت دېگەندەك ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار ئارقىلىق ئوت قالاپ ئىسسىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئوت كەتكەن ھامان ھەرگىزمۇ پۇل-ماللارغا تارتىشىپ قالماسلىق، ئوت كەتكەن نەقمەيداندىن تېز ۋە بىخەتەر ئايرىلىش لازىم.

  3. توكلۇق ۋېلىسپىتنى ئىمارەتنىڭ كارىدورى ياكى ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇش پەلەمپىيىگە، ياكى پىيادىلەر يولى ۋە بىخەتەر چىقىش ئېغىزىغا توختىتىپ قويماڭ؛ توكلۇق ۋېلىسپىتنى تۇرالغۇ جاي ئىچىدە توختىتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىماڭ ياكى ئۇنداق جايغا توختىتىپ قويماڭ، ئۇنىڭغا توك قاچىلىغاندا، ئۇنى يېنىشچان بۇيۇملاردىن يىراق قويۇڭ، توك قاچىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  4. پوجاڭزا ئاتقاندا، پوجاڭزىنى ئاھالىلەردىن ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىدىن، ھەمدە ئاممىۋى ئىمارەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملار سورۇنلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. ئىمارەتنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن سىرتى كۆيۈشچان ماتېرىياللار بىلەن قاپلانغان ئىمارەتلەردىنمۇ پوجاڭزىنى يىراقلاشتۇرۇڭ.

  سىرتقا چىققاندا توك مەنبەسى ۋە گازنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ

  1. تۇرمۇشتا ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك، ئۆز ئالدىغا توك سىمى ۋە توكچاتنى قالايمىقان ئۇلىماسلىق، توكنى زىيادە ئىشلەتمەسلىك كېرەك، كونىراپ كەتكەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرى ۋە سىملارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، سىرتقا چىققاندا توك مەنبەسىنى ئۈزچاتتىن ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

  2. قىش پەسلى ھاۋا سوغۇق بولۇپ كېتىپ ئىسسىنغاندا، ئوت ۋە توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، ئەتراپتىكى يېنىشچان ماددىلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇڭ؛ سىرتقا چىققاندا توك مەنبەسى ۋە يېقىلغۇ گازىنىڭ ئۈزچاتىنى ئىتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

  3. بالىلارغا ئوت ئوينىماسلىق توغرىلىق تەربىيە قىلىڭ، ئۆيىدىكى چاقماق ۋە سەرەڭگىلەر بالىلار ئالالمايدىغان جايغا قويۇلۇشى كېرەك.

  4. سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى، كۆمۇر گازى، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ سۇ قاينىتىپ، تاماق ئەتكەندە ئوچاق بېشىدا قاراپ تۇرۇش ۋە ئاشخانىدىن ئايرىلماسلىق ئەمەس. يېقىلغۇ گاز كلاپانى، ئۇلاق ۋە تۇرۇبىلارنىڭ ئۇلىنىشى مۇستەھكەم بولۇشى، بوشاپ ياكى كونىراپ كەتكەندە ۋاقتىدا رېمونت قىلدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك. گاز قاچقان-قاچمىغانلىقىنى ئوت يېقىپ تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ، سوپۇن سۇيۇقلۇقى بىلەن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

  5. يېقىلغۇ گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، گاز مەنبەسىنى دەرھال ئېتىۋېتىش، دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك، نەق مەيداندىن قوزغالماي تۇرۇپلا تېلېفون قىلىشقا، ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۈزچاتىغا چېقىلىشقا ۋە ئوت يېقىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر