باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.11.21 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات ئارقىلىق يەنە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھات تەلىپىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىكتە ئىزدىنىپ، سىجىل كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «نامرات كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»، «كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئۆيلۈك يېرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا يوليۇرۇق سوراش دوكلاتى»، «ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»، «قانۇن چىقىرىش داۋامىدا چېتىلىدىغان زور مەنپەئەتنى تەڭشەش، دەللىلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئۆلچىمى»، «تالاش-تارتىش كەسكىنرەك بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىدا 3-تەرەپنىڭ باھالىشىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ئۆلچىمى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوت قىلىش ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت پىكرى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەپسىلىي خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر