باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18 تۆمۈر يول ئىدارىسى شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملىدى

2017.11.20 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، تۆمۈر يول باش شىركىتىگە قاراشلىق 18 تۆمۈر يول ئىدارىسى شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى بويىچە سودا-سانائەت تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋىۋىسكا ئاسقان، بۇ تۆمۈر يول شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ زور نەتىجىگە ئېرىشىپ، تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىدىن زامانىۋى تىرانسپورت تىجارەت تىپىدىكى كارخانىغا قاراپ ئۆزگىرىش تەرەققىياتىدا مۇھىم بىر قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تۆمۈر يول ئىدارىسى شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنغان، تۆمۈر يول كەسپى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، زامانىۋى كارخانا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كۈچەيتىدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىگە ئالىدۇ: تۆمۈريول باش شىركىتى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش، پايچىكلار كېڭىشى تەسىس قىلماسلىق؛ پارتىيە كومىتېتى، مۇدىرىيەت، دىرېكتورلار قاتلىمى ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەسىس قىلىش؛ قانۇن بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇدىرىيىتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نازارەتچىلىك ھەيئىتى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئاساسىي شەكىل قىلىنغان كارخانا دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى جەھەتتە، ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىنكى شىركەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «قوش يۆنىلىش بويىچە كىرىش، گىرەلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش» رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشى كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى جەھەتتە، مۇدىرىيەت، دىرېكتورلار قاتلىمى مۇھىم مەسىلىلەرنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن پارتكوم يىغىنى ئېچىپ تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرىلىشىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر