باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ

«دەرستىن سىرتقى تەكرار»نىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار تور مائارىپى ئارقىلىق ئايلىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى

2017.11.17 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شياۋ شياۋنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىندىن بۇيان خېلى ئارام تېپىپ قالدى، ئۇلار شياۋ شياۋغا توردىن بىر ئېنگلىز تىلى ئۆگىتىش دەرسلىكى ئېلىپ بەردى. ھەر كۈنى 25 مىنۇت بىرگە بىر ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەمدى ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ بالىنى دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. بىراق ئۇلارنى ئازراق ھەيران قالدۇرغىنى شياۋ شياۋغا دەرس ئۆتىدىغان مۇئەللىمىنىڭ ئايلىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغىنى بولدى.

  شۇ ساھەدىكى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى تور مائارىپىنىڭ ئابونتلار سانى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن، بۇ خىل ۋەزىيەت بىر تۈركۈم توردىكى چولپان مۇئەللىملەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئۇلار نېمە سەۋەبلىك بۇنچىلىك كىرىم قىلالايدۇ؟ جۇڭگونىڭ تور مائارىپى نېمە سەۋەبلىك شۇنچە ئاۋات؟

  جۇڭگونىڭ تور مائارىپى بازىرى زادى قانچىلىك چوڭ؟ ئىنتېرنېت تورى تەتقىقات ئورنى ئەيرۈي مەسلىھەتچىلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگونىڭ تور مائارىپى بازىرى كۆلىمى 156 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %27.3 ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى بىر قانچە يىلدا داۋاملىق %20 ئەتراپىدىكى ئېشىشنى ساقلايدىكەن، 2019-يىلىغا بارغاندا 260 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  ئۇزاق مۇددەت «ئالاقە تورى+مائارىپ»غا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سۈرەت بېرىكتۈرۈش كاپىتالىنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «تور مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى بازار كۆلىمى 170 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا، ئابونتلار سانى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ».

  تور مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىم ئەھۋالى قانداق؟ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شۆ جاۋفېڭ ئۆزىنىڭ تور مەخسۇس دەرسلىكى قىممىتىنىڭ 30 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى بىلەن چولپان ئوقۇتقۇچى بولۇپ تونۇلغان بولۇپ، بۇ سەۋىيەدىكى توردىكى چولپان مۇئەللىملەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئايلىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ھەتتا 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان توردىكى چولپان مۇئەللىملەر ئاز ئەمەسكەن.

  بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزى ئاچقان تور دەرسخانىسىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ھەققى 1600 يۈەن بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى يېرىم سائەت ئۆتىدىكەن، پەقەت تولۇقسىز 3-يىللىقتىنلا 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا تىزىملاتقان، ھەممىنى ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى ئىلگىرى گۇاڭجۇدىكى بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ئېنگلىزچە سۈرەتلىك كىتابلارنىڭ ئاۋازلىق ماتېرىيالىنى لىجى دەرىخى ئۈندىدار دەرسى سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، چېكىلىش سانى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر يۈرۈش ئېنگلىزچە ئاتا-ئانا، بالىلار تەربىيەلەش دەرسلىكىنى تۈزۈپ، 15 سائەتلىك دەرسنى 29 يۈەن باھادا ساتقان، توردىكى سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولغان، ھازىر ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىبىر تاۋارلاشقان دەرستىن سىرتقى كونسۇلتاتسىيە ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ سۇپىسىدا بەزەن توردىكى چولپان مۇئەللىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، «ئون مىڭ ئادەم بىر دەرسخانىدا چولپان مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش» ئەھۋالى ئاز ئەمەسكەن. ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ تاۋارلاشقان ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدە %2 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق كىرىمىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  بىراق، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تور مائارىپى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بىر خىل مائارىپ شەكلى، بۇ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى مائارىپ ئەندىزىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تور مائارىپىدا ياخشىسىمۇ بار، يامىنىمۇ بار، بەزىبىر تور ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئادىمىيلىكى، دۇنيا قارىشى ئېنىقكى مائارىپچىلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت مەزمۇنى ئوخشاش بولۇش، يەنە مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەمەلىي دەرسخانىدىكى مەزمۇننى تورغا يۆتكەپ ئەچىقىپ قويۇش خاھىشى ئېغىر.

  21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيوڭ بىڭچى مۇنداق دېدى: تور مائارىپىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلىشى ئىككى نەرسىگە باغلىق. بىرىنچىسى، كەسىپنىڭ ئۆلچەملىك تەرەققىي قىلىشى. بۇ توغرا ۋە ئېنىق بولغان ئىجازەت ئۆلچىمىنى قۇرۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەسىپتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى يۇقىرى سۈپەتتىكى ساپا مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەمدۇ-يوق، ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلالامدۇ-يوق، دېگەنلەرگە باغلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر