باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2017.11.17 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 16- چېسلا گۈيياڭ شەھىرىدە ئېچىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېن ۋە مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتلىرى دىققىتىنى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مىللەتلەر ۋە دىن ساھەسىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە قارىتىپ، جەمئىي 37 قېتىم مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، 12 قېتىم ساھەلەر بويىچە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىغا ئائىت 175 پارچە ئۇچۇرنى ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر ۋە بەلگىلىمىسىنى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر