باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى شېنجىندا قۇرۇلدى

2017.11.21 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-نويابىر شېنجىندا ئېچىلغان يىپەك يولى يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىيات پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالتە ئورگاننى شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ بېكىتتى ھەم شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولغان شېنجىن «ۋاڭ لەن» ھەممىباپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ۋىۋىسكا ئاستى.

  شېنجىن شىنجاڭ سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى دىققىتىنى ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرون ئۇچۇرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ساياھەت، بىيو دورا قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىپ، بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە پەن-تېخنىكا ۋە سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، ئىختىساسلىقلار ۋە كاپىتال توپلاشنى نەتىجە قىلغان، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ۋە پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىچىلارنى تەربىيەلەپ، تەرەققىيات ھالىتى ياخشى بولغان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى شىركەتلەرنى ۋە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى شىركەتلەردىن 10 مىڭ 714ى بار بولۇپ، ئاپتونوم رايون كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رايونلار ئارا ماس تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر