باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

2017.11.22 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستى (تۆۋەندە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» دېيىلىدۇ)، شۇنداقلا نامراتلىشىش نىسبىتى ٪18 تىن ئېشىپ كەتكەن نامرات ناھىيە ۋە نامراتلىشىش نىسبىتى ٪20 تىن ئېشىپ كەتكەن نامرات كەنتلەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسىي ئاجىز، نامراتلىشىش دەرىجىسى چوڭقۇر، بۇ جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى «قاتتىق سۆڭەك»، بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەبلىغى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تۈرى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەدبىرى ئاساسلىقى، ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مەركەز مالىيە سېلىنمىسى سالمىقى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەت بېرىش سالمىقى، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مايىللىشىش سالمىقى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويۇش سالمىقى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەت بېرىش سالمىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقى، جەمئىيەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقى زورايتىلىپ، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىرەك كاپالىتى سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسىپلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ۋە باشقا ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىر تۇتاش قوللىشى كېرەك. كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، مېيىپلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يەر سىياسىتى ئارقىلىق قوللاش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر