باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 300 دىن كۆپرەك كارخانىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەت كىنىشكىسى تارقىتىدۇ

2017.11.21 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قەغەز ياساش، پولات تۆمۈر، سېمونت ، تاختا ئەينەك، ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش، كوكۇس تاۋلاش، نېفىت خىمىيە، دورىگەرلىك ئازوتلۇق ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، بوياش، تېرە ئاشلاش، قەنت ئىشلەپچىقىرىش، رەڭلىك مېتال قاتارلىق كەسىپلەردە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامە ئىلتىماس ۋە سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن؛بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كارخانا 300 دىن ئاشىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسى زاپاس ساقلاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيې چېڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى 108 كارخانا نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازىتى ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ، دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرگەن نومۇردىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەت كىنىشكىسىگە ئېرىشتى.

  ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قەغەز ياسىمىچىلىق ساھەسىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەت كىنىشكىسى تارقىتىش خىزمىتى ئورۇنلاندى؛ پولات تۆمۈر، سېمونت كەسىپىدە 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ. قالغان 11 كەسىپنىڭ يىل ئاخىرى تاماملىنىدۇ. ئىلتىماس دائىرىسىگە كىرگەن كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، شەھەرنىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا بۇلغىما قويۇش بېرىش ئىجازەت كىنىشكىسى ئىلتىماسىنى سۇنۇپ كىنىشكا ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر