باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ

ئىش ھەققىنى نېسى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئىناۋەت جازاسى بېرىلىدۇ

2017.11.22 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھەمدە 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 2018- يىلى چاغاندىن بۇرۇن، بۇ خىزمەت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ ۋە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق بېرىش جەھەتتىكى ئەھۋالى، ھەمدە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى جەھەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئاساسلىق نۇقتا قىلىپ تەكشۈرۈلۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئىناۋەت جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى قۇرۇلۇش پۇلى نېسى قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قىلغان ئورۇنلار 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالدى بىلەن بارلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى قەرزلىرىنى تۆلەپ تۈگىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر