باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم بېرىش جەريانىدا «شەخسلەرنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلىرى»نى ئاشكارىلاشنى قاتتىق مەنئى قىلدى

2017.11.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 21-نويابىر بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتچىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە شەخسىي سىرىنى قوغداشنى، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ «تېخىمۇ قائىدىلىك، تېخىمۇ سۆيۈملۈك، تېخىمۇ ئىللىق» بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: بەزى ئۆلكىلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغاندا كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نۇمۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئاشكارىلىغان، «بۇنداق قىلىش خاتا». ياردەم بېرىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە شەخسىي سىرى ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «شەخسلەرنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلىرى»نى ئېلان قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ شەخسلەر ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزام، تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپات ياردەم پۇلى قاتارلىق باھالاش ھالقىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىك نۇمۇرى، ئۆي ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، تۇغۇلغان ۋاقتى قاتارلىق شەخسلەر سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

  مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتكەن چاغدا، ئوقۇغۇچىلارنى ئامما ئالدىدا دەرد تۆككۈزۈشكە، ئۆز ئارا نامراتلىقتا بەسلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىغا چېتىلىشقا بولمايدۇ؛ رىغبەتلەندۈرۈشتىكى تىپىك ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىق قىلغاندا، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتقاندا، يوشۇرۇن ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر