باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16 مىنىستىرلىق بىرلىشىپ ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ

2017.11.21 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 16 مىنىستىرلىق بىرلىشىپ يېقىندا «ئەلئارا سېلىنمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  نۆۋەتتىكى ياسىمىچىلىق ئەلئارا سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، «پىكىر» «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى چۆرىدەپ، ئەلئارا سېلىنمىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توساقلىرىنى بۇزۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇزۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىلغار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، مۇلازىمەت يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىر ۋە كاپالەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: غوللۇق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنى بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم قۇرۇلۇش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش تۈرىگە قاتنىشىش ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەش؛ پۇقراۋى كارخانا ۋە ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى تېخنىكىسى توپلاشقان، پىشقان ۋە ئىنژېنېرىيىلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ئارىلىق سىناق بازىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمى تۈزۈشكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنى ئالىي دەرىجىلىك رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك ۋە سانائەت ماشىنا ئادىمى، ماتېرىيال كۆپەيتىپ ياساش جابدۇقى قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلىق جابدۇقلار ۋە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نىڭ ئون چوڭ ساھەسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆلچەش جابدۇقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق ھالقىلىق كەمچىل جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش؛ پۇقراۋى كاپىتالنى تېلېگراف كەسپىگە كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانائەت ئالاقە تورى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىش ۋەھاكازالار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر