باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.11.23 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش خىزمىتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئارقىلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى يەنىمۇ رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوغداش زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىش، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىرىنچى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈستۈن قانۇنغا زىت، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا پايدىسىز تۈرلۈك نىزام-ھۆججەتلەرنى ئىمكانقەدەر تېزدىن رەتلەش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خالىغانچە ئىجرا قىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپىك دېلولارنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئۇزاققىچە سۆرەپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان دېلولارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق ناھەق، خاتا دېلولارنى پەرقلەندۈرۈپ تۈزىتىش خىزمىتىدە تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتالىقنى تۈزىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك. قانۇن ياردىمى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقى دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، ھوقۇقنى قوغداش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ئالاقە تورى +»دىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش، رېئال ۋاقىتلىق نازارەت قىلىش، توردا پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىشنىڭ جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كەسىپ توپلاشقان رايونلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېز، قولايلىق، تۆۋەن تەننەرخلىق ھوقۇقنى قوغداش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چۆرىدەپ ھەر خىل تىپتىكى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توردىن سېتىۋېلىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قاتارلىق مۇھىم ساھە ۋە ھالقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار مەركەزلەشكەن رايونلارنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىر تۈركۈم ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش، ساختىلىق قىلىش چوڭ، مۇھىم دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېغىر بەدەل تۆلىتىپ، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. مەمۇرىيەتتە سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇرت قورۇقچىلىقىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى جازالاش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرماسلىق سەۋەبلىك كارخانىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىسا قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىش كېرەك، يېڭى رەھبەرنىڭ كونا ھېساباتقا پەرۋاسىز قارىشىغا بولمايدۇ. مۈلۈك ھوقۇقىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قوغداش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسىنى، ئامما ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر