باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول تارماقلىرى پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ ئۈندىداردا چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى يولغا قويدى

2017.11.23 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-نويابىر جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو تۆمۈريولى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىنىڭ ئۈندىدار چىقىم قىلىش ئىقتىدارى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. بۇ توردا تاماق زاكاس قىلىش ئىقتىدارىنى كىرگۈزۈش، باشقا جايدا بېلەت سېتىش رەسمىيەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، «يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا داۋاملاشتۇرۇپ ئالمىشىش»نى يولغا قويۇش، «ئۆز ئالدىغا ئورۇن تاللاش» ئىقتىدارىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولغا قويغان يەنە بىر خەلققە قولايلىق يېڭى مۇلازىمەت تەدبىرى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈندىدار چىقىم ھېساباتى بار يولۇچىلار 12306 بېلەت سېتىۋېلىش تورى ۋە يانفون تېرمىنالىدا پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا، پۇل تۆلەش بېتىدە «ئۈندىدار چىقىم قىلىش»نى تاللاپ پۇل تۆلىسە بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىلىرىمۇ بارا-بارا ئۈندىداردا كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشنى قوللايدىكەن.

  بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈندىدار چىقىم قىلىش ئىقتىدارى بولسا تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئالاقە تورى كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى ۋە ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت «قوش تورنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى ئىكەن. تۆمۈريول تارماقلىرى «ئۈندىدار چىقىم قىلىش»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئاساسىدا، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر