باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى

ئۇلان مۇچىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەتچى» بولۇڭلار

2017.11.22 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا يازغان جاۋاب خېتى

  سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرى:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلاردىن ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، كەسپىڭلارغا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭلارنى ھېس قىلدىم.

  ئۇلان مۇچىر ئەترىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى بىر بايراق، تۇنجى ئۇلان مۇچىر سىلەرنىڭ يۇرتتا بارلىققا كەلگەن. 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد ئۇلان مۇچىر ئەزالىرى قار-شىۋىرغاندىن قورقماي، قەھرىتان سوغۇققا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، ئۇزاق مەزگىل چۆل-جەزىرە، يايلاقتا جاپا-مۇشەققەتلىك يول يۈرۈپ، ئاسماننى پەردە، يەرنى سەھنە قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ۋە مەدەنىيەت تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۈللەپ، راۋاجلىنىشى خەلقنىڭ سەنئەتكە موھتاجلىقى، سەنئەتنىڭمۇ خەلققە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېڭى دەۋردە سىلەرنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كەڭ تارقىلىدىغان، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات-سەنئەتچى» بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كەڭ تارقىلىدىغان، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تىرىشىپ ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلاردىن ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، كەسپىڭلارغا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭلارنى ھېس قىلدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلان مۇچىر ئەترىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى بىر بايراق، تۇنجى ئۇلان مۇچىر سىلەرنىڭ يۇرتتا بارلىققا كەلگەن. 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد ئۇلان مۇچىر ئەزالىرى قار-شىۋىرغاندىن قورقماي، قەھرىتان سوغۇققا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، ئۇزاق مەزگىل چۆل-جەزىرە، يايلاقتا جاپا-مۇشەققەتلىك يول يۈرۈپ، ئاسماننى پەردە، يەرنى سەھنە قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ۋە مەدەنىيەت تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر